باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى %95 ناھىيە 2020-يىلىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ

2016.06.16 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «ئوتتۇرا، غەربىي رايون مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى چىقىرىپ، 2018-يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونىدىكى %75 ناھىيەدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2020-يىلىغىچە، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى %95 ناھىيەدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ھۆججەتتە، ناھىيە تەۋەلىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىلىق ۋەزىپە چۆرىدىلىپ مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېسىل مائارىپ بايلىقى بىلەن قاپلاشنى كېڭەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ پەرقى، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش كېرەك. دۆلەت نامرات جايلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە ئىش ئورنى بويىچە تەربىيەلەش پىلانى، ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە تۈرلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ ئوقۇتۇش مەزمۇنىدا ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشتىن ساقلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى ۋە قول سېلىپ ئىشلەش قابىلىيىتىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  ھۆججەتتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەڭشەش نەتىجىسىنى پۇختىلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، زۆرۈر ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە قولايلىق يارىتىش؛ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى سىپىرلىق مائارىپ بايلىقى بىلەن تولۇق قاپلاپ، شارائىتى يار بەرگەن جايلارنى كەڭ بەلباغ تورىغا كىرگۈزۈش؛ مەكتەپ ھالقىپ دەرس ئۆتۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى زۆرۈر كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارغا ئىگە قىلىپ، دۆلەت بەلگىلىگەن دەرسلەرنى تەرتىپلىك، تولۇق ئۆتۈش لازىم. ھۆججەتتە يەنە راسخوت سېلىنمىسىدا ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا ئېتىبار بېرىش، ئوقۇغۇچىسى يۈزگە يەتمەيدىغان ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغىمۇ يۈز ئوقۇغۇچىلىق ئۆلچەم بويىچە ئاممىۋى راسخوت ئاجرىتىش كېرەك دەپ ئالاھىدە كۆرسىتىلدى.

  ھۆججەتتە يەنە جايلارنىڭ كەنتلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەم ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا ئىشلىگىنىگە ئون يىل توشقان، كەنتلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەم ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا داۋاملىق ئىشلەۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىندى. دۆلەت كەنتلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەم ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا ئىشلىگىنىگە 30 يىل توشقان ھەم گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

  بۇندىن باشقا، ھۆججەتتە يەنە يېزا يەسلى مائارىپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي مائارىپنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر