باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن دالەي لامانىڭ شەخسىي كۆرۈشۈشىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىغا قاتتىق سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.06.16 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ تۈنۈگۈنكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن دالەي لامانىڭ شەخسىي كۆرۈشۈشىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىغا قاتتىق سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لۇ كاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىزاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. 14-دالەي لاما نوقۇل ھالدىكى دىنىي زات ئەمەس، بەلكى دىنىي نىقابقا ئورىنىۋېلىپ جۇڭگونى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىياسىي قاچقۇن. ناۋادا ئامېرىكا مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلسا «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بېرىپ قويىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. بىز ئامېرىكىنى «شىزاڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى»، شىزاڭ مۇستەقىللىقىنى قۇۋەتلىمەيمىز دېگەن ۋەدىسىدە تۇرۇپ، «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنى قوللاشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

  ئۇ مۇنداق دېدى: شىزاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى دەستەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئەمەلگە ئاشمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر