باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئەدلىيە كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى

2016.06.16 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى (2012-2015)» (تۆۋەندە «ھەرىكەت پىلانى» دەپ قىسقارتىلىدۇ) ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىپ، «ھەرىكەت پىلانى»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئەدلىيە كاپالەت تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، «ھەرىكەت پىلانى»نىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلىنىش ئەھۋالى ياخشى بولدى.

  بىرىنچى، سوت قىلىش فۇنكسىيەسىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئەدلىيە كاپالىتى سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى

  جىنايى ئىشلار شىكايەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جاۋابكارنىڭ ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيەلىك چۈشەنچە بېرىلىپ، «قانۇنسىز ئىسپاتنى چىقىرىۋېتىش» مەخسۇس پاراگرافى تەسىس قىلىندى. جىنايى ئىشلار ناھەق، خاتا دىلولاردىن ساقلىنىش خىزمەت مېخانىزمى قۇرۇلۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈش پىكرى ئېلان قىلىندى. 2012-يىلدىن 2015-يىلغىچە، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە 3369 جاۋابكارنى گۇناھسىز، دەپ ئېلان قىلدى.

  ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ بىلىش ھوقۇقى، ئارخىپلارنى كۆرۈش ھوقۇقى، سوتقا چىقىش ھوقۇقى قاتارلىق كەسپىي ھوقۇقلىرى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  جازا ئۆلچەشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جازا ئۆلچەشنىڭ ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىيلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىدە جازا ئۆلچەشنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى رەسمىي يولغا قويۇلدى. 2016-يىلى 5-ئايدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە بىر قېتىم خەتەرلىك ماشىنا ھەيدەش جىنايىتى قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك جىنايەت نامىنى قېلىپلاشتۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

  ئىككىنچى، ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى دىلولىرىنى سوتلاش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى

  خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى باشتىن-ئاخىر قاتتىق كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم جىنايەتلەردىكى ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان جىنايەتچىلەرگىلا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئۈچىنچى، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي دەۋا تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۇقرالار ھوقۇقى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى

  ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەۋا ھوقۇقى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنى تەدبىقلاشقا ماس كېلىش ھەققىدىكى يېشىم ئېلان قىلىندى؛ دىلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمى قۇرۇلۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ كىچىك سوممىلىق دەۋا تەرتىپى ۋە ئاددى دىلو تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى تەقسىملەش پىرىنسىپى، سوتچىنىڭ ئىسپاتقا قاراپ چىقىپ ھۆكۈم قىلىش پىرىنسىپى قاتارلىقلار كۆپەيتىپ بەلگىلەندى.

  مەمۇرىي دەۋا تۈزۈمى مېخانىزمى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەمۇرىي ئاداچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەتى قوغدالدى. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى>غا تەدبىقلىنىدىغان بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى يېشىم»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى.

  مۇھىت ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋا تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇھىت ھەق تەلەپ ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋا دىلولىرىغا تەدبىقلىنىدىغان قانۇنلار توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى يېشىم» ئېلان قىلىندى. 2015-يىلدىن بۇيان، مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى قۇبۇل قىلغان مۇھىت ھەق تەلەپ ئاممىۋى پاراۋانلىق دىلولىرى 53 پارچىگە يەتتى.

  دۆلەت تۆلىمى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۆلەم ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىندى. جىنايى ئىشلار تۆلەم دىلوسىغا تەدبىقلىنىدىغان قانۇن ھەققىدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى يېشىم تۈزۈلدى. 2012-يىلدىن 2015-يىلغىچە، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 12 مىڭ 300 پارچە دۆلەت تۆلىمى دىلوسىغا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردى.

  تۆتىنچى، ئالاھىدە توپلارنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئەڭ زور چەكتە قوغدالدى

  2012-يىلدىن 2015-يىلغىچە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى دىلوسىدىن 4880 پارچىنى قاراپ چىقىپ ئاخىرلاشتۇردى، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار، بالىلارنى سېتىۋېلىش دىلوسىدىن 213 پارچىنى قاراپ چىقىپ ئاخىرلاشتۇردى.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى سوتلاش خىزمىتى مېخانىزمى قۇرۇپ چىقىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ھامىيلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۈز قىلىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر چىقىرىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان ئالاھىدە ئەدلىيەلىك قوغداش كۈچەيتىلدى.

  ئاياللار ئائىلە زوراۋانلىقى زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن قوغداپ قېلىندى. 2015-يىلى 3-ئايدا، باشقا تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «ئائىلە زوراۋانلىقى جىنايىتى دىلولىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىش ھەققىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىندى. 2012-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى خارلاش جىنايىتى دىلولىرىدىن 224نى قاراپ چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر