باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پولشادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2016.06.20 15:18   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ پولشادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 19-ئىيۇن ۋارشاۋاغا بېرىپ، پولشادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ پولشا خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پولشا جۇڭگونى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان ۋە جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو-پولشا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدى ۋە جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى رامكىسى ئىچىدە ياخشى ھەمكارلاشتى. جۇڭگو پولشا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-پولشا مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ شەھىرىدە 7461 كىشى ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىشتا نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى
    ·ئارزۇنى قانداق تولدۇرۇشنى بىلەمسىز؟
    ·شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ QS ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىردى
    ·شىنجاڭدىكى 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچى توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى