باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سېرۋىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

مەڭگۈلۈك دوست، سەمىمىي ھەمراھلار

2016.06.17 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇن سىرۋىيە جۇمھۇرىيىتىگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە بېرىشنىڭ ھارپىسىدا، سېرۋىيەنىڭ «سىياسەت گېزىتى» بىلەن يېڭى يۇگۇسلاۋىيە ئاگېنتلىقىدا «مەڭگۈلۈك دوست، سەمىمىي ھەمراھلار» دېگەن ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  مەڭگۈلۈك دوست، سەمىمىي ھەمراھلار

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  زۇڭتۇڭ تومىسلاۋ نىكولىچنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يېقىندا سېرۋىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. گۈللەر غۇچچىدە ئېچىلغان پەسىلدە گۈزەل ۋە رىۋايەتكە تولغان دوست دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىمدىن تولىمۇ يېقىملىق ھېس قىلدىم. زۇڭتۇڭ نىكولىچ ۋە سېرۋىيەدىكى باشقا رەھبەرلەر بىلەن دوستلۇق ئىزھار قىلىپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، جۇڭگو-سېرۋىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سېرۋىيە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ۋە بالقان رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت بولۇپ، ئۇزاق يىللىق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە. نەچچە يۈز مىڭ يىلدىن بۇيان، شەرق-غەرب مەدەنىيىتى بۇ يەردە قوشۇلۇپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى ياراتتى. بۇ جەرياندا، ئەمگەكچان، قەيسەر سېرۋىيە خەلقى مىللىي مۇستەقىللىق ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك قەھرىمانلىق داستانلىرى ۋە گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش ئىنتىلىشتەك ئۇلۇغ سەھىپىلەرنى ياراتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر