باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا«شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى 10 مىڭ كىشىلىك تەربىيەلەش پىلانى» بويىچە 9971 كىشى تەربىيەلەندى

2016.06.20 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ‹‹شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى 10 مىڭ كىشىلىك تەربىيەلەش پىلانى›نى يولغا قويغان بولۇپ، ھازىر بىرىنچى تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش پىلانى ئورۇندىلىپ، 9971 كىشى تەربىيەلەنگەن.

  ئىگىلىنىشىچە،‹‹شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى 10 مىڭ كىشىلىك تەربىيەلەش پىلانى››دا، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسەت، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسى ۋە ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەركەز قىلىنغان. بۇ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان بىر قېتىملىق تەربىيەلەش ھېسابلىنىدىكەن. تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرى: 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۈەن سىستېمىسىدىكى ساياھەتچىلىك كەسپى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى رەھبەرلەر، ساياھەتچىلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرى، مېھمانخانا (مېھمانساراي)لار، مەنزىرە رايونلىرى، يېزا، كەنت ساياھەتچىلىكىنى باشقۇرغۇچىلار، ساياھەت يېتەكچىلىرى، مەنزىرە رايونلىرىدىكى كەسىپكارلار، چۈشەندۈرگۈچىلەر، شەخسىي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەت قىلىشنى باشقۇرغۇچىلار ۋە ساياھەت ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى قاتارلىق تۈردىكى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە يەنە ساياھەتچىلىك بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخسۇس تەربىيەلەش خىزمىتى كۈچەيتىلىپ خوتەن، قەشقەر، سانجى ۋە بايىنغولىندا تۆت قارار مەخسۇس كۇرس ئېچىلىپ، 400 دىن ئارتۇق كىشى تەربىيەلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 370 كىشى باھالاشتىن ئۆتۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەم تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 40 تىن ئارتۇق مەنزىرە رايونىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر