باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

750 ئەنئەنىۋى كەنت مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى

2016.06.20 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى قاتارلىق يەتتە ئورۇن يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كەنتلىرى ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭ شەھىرى مېنتۇگۇ رايونى يەنچى بازىرى جيېشى كەنتى قاتارلىق 750 ئەنئەنىۋى كەنت مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جايلار تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قائىدە-تەلەپلىرى بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىمكانقەدەر تېزراق تەشكىللىشى، بۇ يىل 30-ئىيۇندىن بۇرۇن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن كەنتلەرنىڭ ئارخىپى، پىلانى، تۈر ئېھتىياج جەدۋىلىنى يەتتە ئورۇنغا ئارخىپقا ئالدۇرۇشى كېرەك، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قوبۇل قىلىنمايدۇ. جايلار «ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنىڭ يېتەكچى پىكرى» ۋە «جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تەلىپىگە قاتتىق رېئايە قىلىپ، جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەتتە ئورۇن خىزمەتلەرنى تەكشۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر