خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بېلېگرادتا «خېگاڭ» گۇرۇھىنىڭ سېرۋىيەدىكى «سمېدېرېۋو» پولات زاۋۇتىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى.
شى جىنپىڭ قىزغىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سېرۋىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، بىر-بىرىگە ئالاھىدە مۇھەببىتى بولۇپ، ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋەتكەن دەسلەپكى مەزگىلدە، سېرۋىيە خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىسى بىزنى قىممەتلىك ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو-سېرۋىيە كارخانىلىرى قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق يېڭىشتىكى تەرەققىيات ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرى چوقۇم سېرۋىيە تەرەپ بىلەن سەمىمىي ھەمكارلىشىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ زىچ ھەمكارلىقى بىلەن «سمېدېرېۋو» پولات زاۋۇتىغا قايتىدىن ھاياتىي كۈچ كىرىپ، يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، سېرۋىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى