باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە: رۇسىيە يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى مەنئى قىلىنغان

2016.06.20 11:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 18-ئىيۇن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ روھلاندۇرغۇچى دورا ئىستېمال قىلغانلىق سەتچىلىكى توغرىسىدا يېپىق يىغىن ئاچقاندىن كېيىن، رۇسىيە يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ 8-ئايدا رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى مەنئى قىلىنغانلىقىنى قارار قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  يىنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان خەلقئارا ئورگان-خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلغان. 18-ئىيۇن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ قارارىغا پۈتۈنلەي ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەم مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ روھلاندۇرغۇچى دورىغا قاتتىق زەربە بېرىشتىكى يەنە بىر خىل تەدبىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر