باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناشتا نامراتلارنى يۆلەش مىنىستىرلار ئارا بىرلەشمە مېخانىزمى بەرپا قىلىش

2016.06.20 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 13-بەش يىلدا قاتناش مىنىستىرلىقى نامرات رايونلارنىڭ قاتناش تىرانسپورت تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ، بۇ يىل نامرات رايونلاردا 7000 ئىشتاتلىق كەنتتە يوللار ئاسفالىتلاشتۇرىلىدۇ، قاتناش مىنسىتىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئايان بولىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يەنە 826 ئىشتاتلىق كەنتتە تاشيول يوقكەن، قاتناش تىرانسپورت مىنسىتىرلىقى ئۇنىۋرسال پىلان مەھكمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن جېنيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتناش كەسپىدە ليۇپەنشەن قاتارلىق مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلار ۋە كونا تايانچ بازا رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار ئاساسى جەڭ مەيدانى قىلىنىپ، نامراتلارنى دەل توغرا يۆلەش كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىلىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا شارائىتى بار بارلىق ناھىيە شەھەرلەر ئارا ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى تاشيوللار ياسىلىپ،نامرات رايونلارنىڭ سىرتقا تۇتۇشىدىغان ئاساسى يوللىرى ، ئىچكى قىسىمدىكى غول تاشيول تورى مۇكەممەللەشتۈرلۈپ، نامرات رايونلاردىكى يېزا بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ قاتناش قىياپىتى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىلىپ، ئاسفالىتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزىلاردا سەپەرگە چىقىش شارائىتى ئۆزگەرتىلىپ، قاتناش +ئېكولوگيە ساياھىتى، قاتناش + ئالاھىدە كەسىپ، قاتناش + ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز يوللانمىسى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر