باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلدى

2016.06.17 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يەكەن ناھىيەسى مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، يەكەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەترىتىدىكى خادىملار يەكەن ناھىيەسى مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا زەھەردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە جەريانىدا كادىر-ساقچىلار دۆلەتنىڭ زەھەر چەكلەشكە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ، زەھەرنىڭ ياشللار - ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان زىيىنى، زەھەردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى، ھاياتنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى. لېكسىيە ئاخىرىدا يەنە زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە دائىر سۈرەتلەر ۋە دېلو مىساللىرىنىڭ سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈلۈشى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەردىن يىراق تۇرۇشقا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئۇلار يەنە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب، دەپتەر، قەلەم قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرىنى تارقىتىپ بەردى. تەشۋىقات پائالىيىتىگە بۇ مەكتەپتىكى 1300 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر