باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان 23 مۇتەخەسسىسنى تاللاپ چىقىدۇ

2016.06.17 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 2016-يىللىق گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خادىملارنى تاللاش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەيدىغانلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىغا يۈزلەنگەن.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ يىلقى گوۋۇيۈننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خادىملارنى تاللاش خىزمىتىدە، دۆلەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى داۋاملىق ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەشنى يولغا قويىدىكەن. بۇ قېتىم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە جەمئىي 23 سان بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن 22سى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن بىرسى باركەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خادىملارنى تاللاش خىزمىتىنى مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى بېكىتكەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ھەم « بىر بەلباغ، بىر يول»، «ئالاقە تورى +»، تۈجۈپىلەپ يۆلەش قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز جايىنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەبىئىي پەن تەتقىقاتى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن، مەدەنىيەت تەشۋىقاتى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىغا ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر