باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىش ئىقتىساد زەربىسى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

2016.06.21 13:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى گېئورگى ئوسبورنې 19-ئىيۇن: ناۋادا ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى قارار قىلىنسا، ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان زەربىسى ھۆكۈمەتنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن دېدى.

  ئەنگلىيە 23-ئىيۇن ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ياكى ئايرىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ. ئەنگلىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسال ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگىنى بۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق ئالتە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلدى، نەتىجىدە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ياكى ئايرىلماسلىقىنى قوللىغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم 50پىرسەنت بولۇپ، ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن يەنىلا ئۆزگىرىشكە تولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر