باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ساناتورىيەلەر ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنى قۇبۇل قىلسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 600 مىڭ يۈەن تولۇقلىمىغا ئېرىشىدۇ

2016.06.21 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرىغا كىرىشىگە ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى.، «چارە»دە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: بېيجىڭدىكى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى 50 دىن ئارتۇق ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنى قۇبۇل قىلسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 600 مىڭ يۈەن تولۇقلىمىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرىغا كىرگەنلەرنىڭ ھەر بىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئېيىغا 1200 يۈەن تولۇقلىما ئالالايدۇ.

  چارىدە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ۋە پاراۋانلىق ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت تولۇقلىما ئۆلچىمى بەلگىلەندى. پاراۋانلىق ئورگانلىرىغا قارىتا، قۇبۇل قىلىنغان ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار ۋە مېيىپلەر مەلۇم كۆلەمگە يەتكەن پاراۋانلىق ئورگانلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەسلىھەلىرى سېتىۋالغاندا، بەنگىلەنگەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەسلىھەلىرى تىزىملىكى ئىچىدىكى ئەسلىھەلەرگە قارىتا مەلۇم نىسبەتتە بىر قېتىملىق تولۇقلىما بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، قۇبۇل قىلىنغان ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ سانى 30 دىن يۇقىرى بولغاندا، سېتىۋالغان ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەسلىھەلىرى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %50لىك نىسبىتى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 400 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قۇبۇل قىلىنغان ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ سانى 50 دىن يۇقىرى بولغاندا، سېتىۋالغان ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەسلىھەلىرى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %60لىك نىسبىتى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرىغا كىرگەنلەرگە قارىتا، قىيىنچىلىق دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ھەر كىشى ھەر ئايدا 400 يۈەندىن 1200 يۈەنگىچە تولۇقلىما ئالالايدۇ. رايون دەرىجىلىكلەر قوللاش ئاساسىدا، شەھەر دەرىجىلىكلەر تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا ھەر بىر كىشىگە ھەر ئايدا 1200 يۈەن مۇقىم سوممىلىق ياردەم بېرىلىدۇ؛ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ۋە تەۋە جايدىكى كۈتۈنۈش ئورگانلىرىغا كىرگەن پىلانلىق تۇغۇت ئالاھىدە ئائىلىلىرىدىكى مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا ھەر ئايدا ھەر بىر كىشىگە 1000 يۈەن ياردەم بېرىلىدۇ، باشقا مېيىپ مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا ھەربىر كىشىگە ھەر ئايدا 400 يۈەن ياردەم بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر