باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 400 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېقىنلاشتى

2016.06.21 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى 640 مىڭ ئادەم/قېتىمدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى باشقا جايلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 400 مىڭ ئادەم/قېتىمدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى باشقا جايلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شېن پىڭجياڭ مۇنداق دېدى: يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. ئاپتونوم رايون بۇنىڭ ئۈچۈن «تۆتنى مەۋقە قىلىش (كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە (شەھەر)لەرگە ئەۋەتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە قىلىش)»تا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بارلىق ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى پائال تەشكىللەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدىكى ئەمگەك ھەمكارلىقىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى بەزى ناھىيە (شەھەر)لەر بىلەن شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى كارخانا ۋە تۈەن - مەيدانلار ئارىسىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ھازىر سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى بىلەن كېرىيە، يېڭىسار ۋە ئاقتۇدىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بىلەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئارىسىدا ئەمگەك ھەمكارلىقى ئورنىتىلدى. خوتەن ۋىلايىتى شىمالىي شىنجاڭدىكى 13 ناھىيە (تۈەن - مەيدان) ھەم 27 كارخانا بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدىكى ئەمگەك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

  «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە مۇكاپاتلاشنى تولۇقلىمىنىڭ ئورنىغا قويۇش مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» يولغا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن بىرىنچىدىن، ئىچكىرىدىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىگە بېرىلىدىغان مۇكاپات ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى. ئىككىنچىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشسا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى كىشى بېشىغا 30 يۈەندىن ھازىرقى 100 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. مۇكاپاتلاش ئوبيېكتى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەشكىللەپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يېزا - بازار ۋە كەنت قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەۋەتكۈچى ئاپپاراتلار بولۇپ، مۇكاپات مەبلىغى ئاساسلىقى ئەمگەكچىنى چىقىرىش جەريانىدا چىقىم قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك خىراجەتكە ئىشلىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر