باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالىنىش خىراجىتى چىقىمىنىڭ 2017-يىلى يىل ئاخىرىغىچە 10%دىن تۆۋەن بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

2016.06.21 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ نامۇۋاپىق كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى ۋە ئېشىش كۆلىمىنى تېزدىن بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى سەۋىيەسى، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىقتىدارىنى بېكىتىش، داۋالىنىش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ يىللىق داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى ۋە ئېشىش كۆلىمىنى بېكىتىش تەلەپ قىلىندى. تىزگىنلەش ھەققى نىشانلىق ۋە جانلىق باشقۇرۇش بويىچە يولغا قويۇلۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم تەڭشىلىدۇ. 2017-يىلى يىل ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى ۋە ئېشىش كۆلىمى 10% دىن تۆۋەن بولۇش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر