باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە جىددىي خاراكتېرلىك يۇلۇن زەخىملىنىشنى داۋالاشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

2016.06.21 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇلۇن زەخىملىنىش بىر خىل مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ئېغىر زەخىملىنىش بولۇپ، ئۇنى داۋالاش ئىزچىل دۇنيا خاراكتېرلىك قېيىن مەسىلە بولۇپ كەلگەن. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇلۇن زەخىملىنىشنى كىلىنىكىلىق داۋالاشتا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىرسىيەت ۋە بىيولوگىيە ئىلمى تەتقىقات ئورنىدىكى دەي جيەنۋۇ بىيولوگىيە تېببىي ئىلىم تەتقىقات ئورنىدىكىلەرنىڭ 2015-يىلى 4-ئايدا تۇنجى جىددىي خاراكتېرلىك يۇلۇن زەخىملىنىشنى كىلىنىكىلىق تەتقىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى، يېقىندا، تۇنجى بەل قىسمى يۇلۇنى زەخىملەنگۈچىنىڭ داۋالىنىپ بىر يىلدىن كېيىنكى سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ھەرىكەت ئىقتىدارى جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر