باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ يادرو ھەيۋىسىنى سۆكتى

2016.06.21 13:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى 19-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان يادرو تەھدىتى ۋە يادرو ھەيۋىسىنى سۆكۈپ: بۇ چاۋشيەننىڭ رەھىمسىزلەرچە يادرو ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ دېدى.

  بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى 17-ئىيۇن گۇئام ئارىلىغا B-52H بەلگىلىك ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىپ يىراق مۇساپىدىن ئۇچۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا زەربە بېرىش مەشىقى قىلىش نامىدا يادرو ئوقى تاشلاش مەشىقى قىلدى، بۇ- ناھايىتى تېزلىكتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش ھەمدە چاۋشيەننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش ئەمەلىي مەشىقى قىلىش ئۈچۈن بولدى. بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان يادرو تەھدىتى ۋە يادرو ھەيۋىسى چاۋشيەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئالىي ھوقۇق مەنپەئەتىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق، بۇ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن بىلەن دۈشمەنلىشىشتىكى ناچار سىياسىتىنىڭ داۋامى. چاۋشيەن تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق كىشىگە دەل ۋاقتىدا، قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن، ئالدى بىلەن يادرو زەربىسى بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر