باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2016.06.21 15:36   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئىيۇن ۋارشاۋادا پولشا زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن پولشانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو-پولشا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئالاقە-ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پولشا جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ۋە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق تارىخى ئۇزۇن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-پولشا مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ جۇڭگو-پولشا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئادەمىيەت ئالاقىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. جۇڭگو، پولشا بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، پولشا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى؛ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشنىشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئۆزگەرتىشى كېرەك، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋەكىللىكىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا باشلامچى رول ئويناپ، جۇڭگو-پولشانىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىك، يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشنى؛ دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئادەمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ شەھىرىدە 7461 كىشى ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىشتا نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى
    ·ئارزۇنى قانداق تولدۇرۇشنى بىلەمسىز؟
    ·شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ QS ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىردى
    ·شىنجاڭدىكى 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچى توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى