باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا قارا يامغۇر يېغىپ قىسمەن ناھىيە، شەھەر ئاپەتكە ئۇچرىدى

2016.06.21 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئىيۇن سەھەردە، شەرقىي ئاسىيا نەم ئىللىق ھاۋا ئېقىمى ۋە شىمالدىكى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تەڭرىتاغ بويلىرىدا پەۋقۇللادە قارا يامغۇر ياغدى، شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردىكى نۇرغۇن دەريا – ئېقىنلار ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى ھەم تېشىپ كەتتى. قىسمەن دەريا بۆلىكىنى كەلكۈن بۇزۇۋېتىپ، يېقىن ئەتراپتىكى مەھەللىلەر، ئېتىزلار سۇ ئاستىدا قالدى، قىسمەن يول بۆلەكلىرى ۋە كۆۋرۈك ۋەيران بولۇپ، نۇرغۇن ھويلا – ئارام، ئۆي كەلكۈن سۈيىگە چىلىشىپ قالدى.

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى دەرھال كەنتكە چۈشكەن ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىنى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاممىنىڭ مال - مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ھەمدە ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىن جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، 24 سائەت دىجورنىلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  18-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ سەنپىڭ غۇلجا ناھىيەسىگە كېلىپ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى ھەم خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى، ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن توسمىلارنى مۇستەھكەملەپ، لاتقىلارنى تازىلاش بىلەن بىكللە، يەنە كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرگە ئۆيمۇ - ئۆي تەكشۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچۇرغان ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى.

  18-ئىيۇن، يامغۇر سەل توختىدى، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ماسلىشىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقان، دەريا بويىغا يېقىن بىر قىسىم ئامما ۋە جەمئىيەتتىكى ئاجىزلارغا تەشۋىق قىلىش، نەسىھەت قىلىش ۋە سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئۆزى تۇرۇشلۇق يېزا-بازارلىق پارتىيە كومىتېتىغا يامغۇر ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ، ئىش بولسا مەلۇم قىلىش، ھېچ ئىش بولمىسا تىنچلىق سوراشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى.

  توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى كەسپىي تېخنىكا خادىملار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئۆيلەرنىڭ بۇزۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ، رويخەتكە ئالدى. غۇلجا ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى كەنتلەردىكى يوللارنى تازىلاپ ۋە رېمونت قىلىپ يول، سۇ، توك، خەۋەرلىشىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  قورغاس ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ يۇقۇمدىن ساقلىنىش، دېزىنفىكسىيە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتتى ھەم ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  19-ئىيۇن شىنجاڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1گە قەدەر، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قىسمەن ناھىيەلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى داۋاملىق ئىستاتىستىكا قىلىنىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر