باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە ھۆكۈمىتى: چاۋشيەن بىلەن سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قايتا باشلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى

2016.06.21 13:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە ھۆكۈمىتى: چاۋشيەن بىلەن سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قايتا باشلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چاۋشيەن يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك، كورېيە مۇئەييەن مەزگىلدە چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسەتنى تەڭشەشنى ئويلاشمايدۇ، دەپ قايتا تەكىتلىدى.

  كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 20-ئىيۇن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەن بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئاساسىدا بولىدۇ. چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسەتنى مۇئەييەن مەزگىلگە ئۇچراش سەۋەبىدىن ئۆزگەرتمەيمىز.

  بۇندىن بۇرۇن كورېيە تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، كورېيە ھۆكۈمىتى 9-ئايدا چاۋشيەننى جازالاش ئۈنۈمىنى باھالايدۇ، شۇ چاغدا يادروسىزلاشتۇرۇش تۈپ مەۋقە قىلىنغان چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسەتنى تەڭشەيدۇ، دېگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر