باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2016.06.21 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدە نۇرغۇن جايلار كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى، جەنۇبتا بىر قانچە قېتىم قاتتىق يامغۇر ياغدى، يۈزدەك دەريا-ئېقىندا سۇ چېنى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەلكۈن كەلدى، قىسمەن رايونلاردا بىر قەدەر ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى بولدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ ياڭ يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسىدە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىللىق كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىنىڭ تەلىپى بويىچە، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېرنىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ ھاۋا رايى ۋەزىيىتى ئادەتتىن تاشقىرى مۇرەككەپ بولدى، ۋادىلاردا كەلكۈن كېلىش ئېھتىماللىقى سەل ئاشتى. نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى تولۇق تونۇپ، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، مەۋقەنى قاتتىق كەلكۈن، قاتتىق خەتەر، ئېغىر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قارىتىپ، تۈرلۈك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش، مەلۇمات ۋە سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈننى توغرا، ئىلمىي مۆلچەرلەش كېرەك. چوڭ دەريا-ئېقىنلاردا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، تاغ كەلكۈنى ۋە گىئو ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇ ئامبارلىرىنى كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈش، شەھەرلەردە كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ، دىجورنىلىقنى كۈچەيتىپ، توغانلارنى تەكشۈرۈپ خەتەرنى بايقاپ، مەسىلە بايقالغان ھامان ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر