باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۆلەت بەشىنچى دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى قوزغىتىپ خۇبېي، شىنجاڭدىكى قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلاشتى

2016.06.21 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بۇيان خۇبېي ئۆلكىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ئېغىر قارا يامغۇر كەلكۈن ئاپىتى ئەھۋالىغا قارىتا، دۆلەت ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 20-ئىيۇن سائەت 15تە دۆلەت بەشىنچى دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى قوزغىتىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئايرىم-ئايرىم ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىپ، ياردەم خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم خۇبېي ئۆلكىسىگە 1000 دانە چېدىر، 1000 دانە قاتلىنىدىغان كارىۋات قاتارلىق مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش زاپاس بۇيۇملىرىنى ئاجرىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىنچە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەملەشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 20-ئىيۇن سائەت 17گىچە، يېقىندا ياغقان قارا يامغۇرلۇق كەلكۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۈچ ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى، بىر ئادەمنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، 10 مىڭ كىشى جىددىي يۆتكەلگەن، 624 ئائىلىنىڭ 1477 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلگەن، 1953 ئائىلىنىڭ 4749 ئېغىز ئۆيى ئېغىر بۇزۇلغان، 3439 ئائىلىنىڭ 7620 ئېغىز ئۆيى ئادەتتىكىچە بۇزۇلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى قوزغىتىپ، ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئايرىم- ئايرىم ئىلى ئوبلاستى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار 932 مىڭ يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى چۈشۈرۈپ، 169 چېدىر ئاجرىتىپ، 1 مىليون 830 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى گۈرۈچ، ئۇن ۋە ئىچىملىك سۇ قاتارلىق بۇيۇملارنى تارقىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر