- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنى قوغداش ھەرىكىتىنى باشلىدى
2016.06.21 15:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 20-ئىيۇن تارىم دەريا ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ يىلدىن تارتىپ بەش يىل ئىچىدە، توغراقلىقلارنى قۇتقۇزۇش، ئورمانچىلىق رايونلىرىدىكى سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە سۇغىرىش، جەمئىيەت ئېكولوگىيەنى قوغداشقا قاتنىشىش، زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئۇچۇپ كېلىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىق بەش چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت يولغا قويۇلۇپ، توغراقلىقلارنىڭ كۈنسايىن چېكىنىش ئەھۋالى توسۇلۇپ، تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىنىدۇ.
تارىم دەرياسى-دۇنيادىكى 2-چوڭ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر كېلىدۇ، دەريا ۋادىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ئون مىليون 940 مىڭغا يېتىدۇ، تارىم دەريا ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنىڭ كۆلىمى 15 مىليون مو بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى توغراقلىق كۆلىمىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئېلىمىزدىكى توغراقلىقلار ئەڭ مەركەزلەشكەن، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان رايون ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر