باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېنپىڭ ناھىيەسىدىكى كىچىك دوسكىدىن مىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ئەكىس ئېتىدۇ

2016.06.21 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىشىلەر خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرىنىڭ جېنپىڭ ناھىيەسىنى «جۇڭگونىڭ قاشتېشى ئويمىچىلىقى يۇرتى» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ كىچىك بازاردا مەيلى قاشتېشى بازىرى، يولۇچىلار توشۇش بېكەتلىرى بولسۇن، ياكى شىپاخانا، ۋەياكى مەكتەپلەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. خوتەندىن قاشتېشى چىقىدۇ، جېنپىڭ قاشتېشى ئويمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇ ئىككى جاي قاشتېشى ئارقىلىق رىشتە باغلىغان، 2004-يىلىدىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى جېنپىڭغا كېلىپ تىجارەت قىلىشقا ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. شىفوسى بازىرىدىكى تيەنشيا قاشتېشى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچىدا «ھەر كۈنى بىر نەچچە جۈملە قوش تىل ئۆگىنىپ، جان-دىلىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بىر دوسكا بار. ئەسلىدە شىنجاڭ ئاممىسى بىلەن شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تىل ئوقۇشماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى بۇ دوسكىنى تەسىس قىلغان، بۇ دوسكىغا خەنزۇچە، خەنزۇچە پىنيىن ۋە ئۇيغۇرچىدا بەزى دائىم قوللىنىلىدىغان قىسقا جۈملىلەر يېزىلغان. ئۆمەرجان ئىبراھىم خوتەندىن شىفوسىغا كەلگىلى بىر يېرىم يىل بولدى، ئۇ شىنجاڭنىڭ شىفوسىدا تۇرۇشلۇق كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش خىزمەت پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. يۇرتداشلىرىنىڭ شىفوسىغا كېلىپ قاش تېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆتكەن يىلى ئەمدىلا بۇ يەرگەن كەلگەن چېغىمدا نۇرغۇن ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئۇچۇقچىلىقتا قاشتېشى تىجارىتى قىلاتتى، شارائىت ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. كېيىنچە يەرلىك ھۆكۈمەت تيەنشيا قاشتېشى بازىرىدا ئۇلارغا يايما ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، شۇنىڭدىن باشلاپ سودىگەرلەر شامالدا، يامغۇردا قالمايدىغان بولدى.

  2014-يىلى شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى نەنياڭ شەھىرى بىلەن ھەمكارلاشتى، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالتە خىزمەتچى شىفوسى بازىرىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. 2015-يىلى، نەنياڭ شەھىرى يەنە شىنجاڭنىڭ قۇمۇل، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتتى. تيەنشيا قاشتېشى بازىرىنىڭ ساقچى ئىشخانىسىدىمۇ «سىز شىفوسىغا قانداق ماشىنا بىلەن كەلدىڭىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان دوسكا بار. بۇ كىچىككىنە دوسكىدا شىفوسى بازىرىنىڭ نوپۇسنىڭ كۆچۈشى تېز، سىرتتىن كەلگەن نوپۇس كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. تونۇشتۇرىلىشىچە، ھەر كۈنى 40 تىن 60 قىچە ئۇيغۇر ئاممىسى بۇ يەرگە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا كېلىدىكەن. ئۇچۇرنى تىزىملاش ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمە نوپۇسقا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە باشقۇرۇشىغا، يەنە بىر تەرەپتىن مەسىلە كېلىپ چىققاندا، ساقچى تارماقلىرىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر