باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلىغىچە شارائىت ھازىرلىغان بارلىق ناھىيەلەرگە 2-دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلىدۇ

2016.06.21 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، نامرات جايلارنىڭ قاتناش-تىرانسپورت تورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلىغىچە، شارائىت ھازىرلانغان بارلىق ناھىيە بازارلىرىغا 2-دەرىجىلىك تاشيولنى تۇتاشتۇرىمىز دېدى.

  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يەنە 826 ئىشتاتلىق كەنتكە تاشيول ئۇلانمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇرۇلۇش مەبلىغى قىس، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى يۇقىرى بولمىغانلىقتىن، ياسىلىپ بولغان نۇرغۇن يېزا تاشيوللىرىدا قاتناشنىڭ ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىدە يەنىلا مەسىلە مەۋجۇت ئىكەن. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جىنىڭ مۇنداق دېدى: 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، نىڭشيا بارلىق ئىشتاتلىق كەنتلەرگە تاشيول تۇتاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىدى، بۇ-يەرلىكنى بۇرۇنقى تارقاق بولغان ليۇپەنشەن، شۈمىشەن قاتارلىق مەنزىرىگاھلارنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى، لېكىن بىر قىسىم رايون ھالقىغان ئۈزۈك يوللار باشتىن-ئاخىر راۋانلاشماي، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتىكى بىرىكمە كۈچكە تەسىر يەتكۈزدى.

  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئۇنىۋېرسال پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن جېنيۈ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مىنىستىرلىقىمىز نامرات جايلارنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ھەم قاتناش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىرلىكتە قۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن يېزا رايونلىرىنىڭ قاتناش تورىنى تېزدىن بەرپا قىلىدۇ.

  فەن جېنيۈ مۇنداق دېدى: بىز ليۇپەنشەن مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونىنى ئاساسلىق كۈرەش مەيدانى قىلىپ، نامرات جايلارنىڭ سىرتقا قارىتىلغان ئاساسلىق يولى بىلەن ئىچكى يول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناش قوشۇلغان ئېكولوگىيە ساياھىتى، قاتناش قوشۇلغان ئالاھىدە كەسىپ، قاتناش قوشۇلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2020-يىلىغىچە، شارائىت ھازىرلانغان بارلىق ناھىيە بازارلىرىغا 2-دەرىجىلىك تاشيولنى تۇتاشتۇرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر