باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا بىر شىنجاڭ بازىرى بار

2016.06.27 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭغا بولغان تەسىراتىمىز ھەققىدە توختالساق، شىنجاڭنىڭ تاتلىق مېۋە چېۋىلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تاتلىق مېۋە چېۋىلىرى خېلى بۇرۇنلا شىنجاڭدىن سىرتلارغا يۈزلىنىپ، ھەر بىر ئائىلىگە كىردى. پايتەخت بېيجىڭمۇ بۇنىڭدىن سىرتىدا ئەمەس، شىنجاڭنىڭ تاتلىق مېۋە چېۋىلىرى بېيجىڭ خەلقىنىڭ مېھمان ۋە دوست بۇرادەرلىرىنى كۈتكەندە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكىگە ئايلاندى.

  يېقىندا مۇخبىر بېيجىڭدىكى «كۆكتات سېۋىتى» دەپ ئاتىلىدىغان شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىنى زىيارەت قىلدى. بېيجىڭنىڭ بازىرىدا سېتىلىدىغان %90 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىن كەلگەن. قىزغىنلىققا تولغان بۇ بازارغا شىنجاڭدىن كەلگەن سودىگەرلەر سىڭىپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ مول مىۋە چىۋە مەھسۇلات بايلىقى ۋە شىنفادى بازىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك سېتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرىدىكى مەھسۇلات ئورنى، ئوتتۇرىدىكى يول، تۆۋەندىكى ئاخىرقى نۇقتا ئارقىلىق بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدا شىنجاڭنىڭ مېۋە چېۋە سودىسىنىڭ كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى.

  نۇر مەمەت شىنجاڭ مارالبېشىدىن، ھازىر بېيجىڭ شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىدا قۇرۇق ۋە ساپ مېۋە چىۋە ساتىدۇ.

  2000-يىلىدىن ئىلگىرى، نۇر مەمەتنىڭ بۇ يەردە مۇقىم سېتىش ئورنى يوق ئىدى، 2000-يىلى ئۇ 80 توننا قوغۇننى شىنفادى بازىرىغا ئېلىپ كىرىپ نەچچە كۈن ئىچىدىلا سېتىپ بولدى. ئەمگىكىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇ شىنفادى بازىرىدا يىلتىز تارتىپ تۇرۇپ قالدى.

  نۇر مەمەت شىنفادى بازىرىغا ئولتۇراقلىشىپتۇ. دېگەن خەۋەر تەدرىجىي ھالدا بېيجىڭدا تىجارەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىقلار ئارىسىدا تارقالدى، ھازىرغا قەدەر شىنفادىدا تۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەر 15 ئائىلىلىك 77 كىشىگە يېتىدۇ، ئۇلار شىنفادى بازىرىدا ئاساسلىق كورلىنىڭ نەشپۈتى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسى، تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، قۇمۇلنىڭ قوغۇنى، خوتەننىڭ چىلىنى، ياڭىقى قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

  2015-يىلى شىن فادىدىكى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكى قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سودا مىقدارى 15 مىليون 100 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئومۇمىي سودا سوممىسى 60 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولدى. بازاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ، ھەر يىلى 800 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىلىدۇ، يىللىق سودا سوممىسى 3 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ كۆكتاتلىرى تۇنجى قېتىم شىنفادىغا كىرگۈزۈلدى. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە سودا مىقدارى 100 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى.

  نۇر مەمەت مۇنداق دېدى: بۇ يەردە شىنجاڭلىق سودىگەرلەر ھەر يىلى تەخمىنەن 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە ئۇزۇنراق بولغاچقا سودام تېخىمۇ ياخشىراق، ئۆتكەن يىلى مەن 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم. بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشىم مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر