باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

جاڭ گاۋلى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2016.06.26 13:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  لى كېچياڭ نۆۋەتتىكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى تەرەققىياتىغا ياخشى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ يىل ئىچىدە زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل دەل «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق ، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ۋە جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو، رۇسىيە بىلەن سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ۋە ئەلئارا دوستلۇق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر