باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2016-يىللىق شىنجاڭ شىخۇ خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى

2016.06.27 15:49   مەنبە: خەلق تورى

2016-يىللىق شىنجاڭ شىخۇ خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن شەھەر مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى - خۇڭشىڭ مېيكەيلۇڭ 2016-يىللىق شىنجاڭ شىخۇ خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 25-ئىيۇن شىخۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە شىنجاڭدىكى تارىختىن بۇيان قاتناشقان ئادەم سانى شۇنداقلا چەت ئەللىك ماھىرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق خەلقئارالىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئىكەن. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى 10 مىڭغا يەتكەن بولۇپ كىنىيە، قازاقىستان، رۇسىيە قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك 42 تەنھەرىكەتچى ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مارافونچە يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر