باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

"جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 90 يىلى" دېگەن كىتاب رەسمىي نەشر قىلىندى

2016.06.27 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 95 يىل بولغان پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى "جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 90 يىلى" دېگەن كىتابنى نەشر قىلىپ، 26 -ئىيۇن رەسمىي تارقىتىپ، كومپارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىغا سوۋغا قىلدى.

  "جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 90 يىلى" دېگەن كىتابنى نەشر قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىغا بەرگەن مۇھىم تۈر ۋەزىپىسى بولۇپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن.

  مەزكۇر كىتابتا جۇڭگو كومپارتىيەسى 1921-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2012-يىلى 18-قۇرۇلتاي ئېچىلغانغا قەدەر بولغان 90 نەچچە يىللىق تارىخ بايان قىلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 90 نەچچە يىلدىن بۇيانقى كۈرەش مۇساپىسى، شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ئېسىل خىسلىتى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرا، جانلىق نامايەن قىلىنغان.

  مەزكۇر كىتابنى تۈزۈشكە ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىندى. كىتاب يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە نۆۋەتتىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ توپلامغا بۆلۈنگەن بولۇپ، خەنزۇچە خەت ھېسابىدا 600 مىڭ خەتتىن ئاشىدۇ. كىتابنى جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتىيە تارىخى نەشرىياتى، پارتىيە تارىخى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى. بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنخۇا كىتاپخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر