باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۈگۈندىن باشلاپ يىغىن ئېچىپ، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىدۇ

2016.06.27 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنى بۈگۈندىن باشلاپ ئېچىلىدۇ، قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، يىل ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر نەچچە تۈرلۈك قانۇن چىقىرىش پىلانىمۇ تەدرىجىي ئالدىغا سۈرۈلىدۇ؛ قانۇن ئىلمى ساھەسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى تۇنجى قېتىم جامائەت بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ؛ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى 3-قېتىم قاراپ چىقىلىدۇ؛ دۆلەت قانۇن سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان تور بىخەتەرلىكى قانۇنى ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن 2-قېتىم قاراپ چىقىلىدۇ؛ قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانۇنى ئېلان قىلىنغان 23 يىلدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ.

  يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى 27-ئىيۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

  ئېنىق بولغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھەق تەلەپ ئومۇمىي قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن مەزمۇننىڭ دائىرىسى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپىغا يېقىن بولۇپ، ئاساسلىقى ھەق تەلەپ سۇبيېكتى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئېنىقلىمىسى، ھەق تەلەپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپى، قانۇنغا يېقىن تۇرىدىغان مۇھىم بېقىندۇرغۇچى قانۇن بىلەن بېقىنغۇچى قانۇننىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، لېكىن مەزمۇنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، مۇكەممەل بولىدىكەن، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قانۇن چىقىرىشنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، بەزى خاس مەزمۇنلارغا بىر قەدەر چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىكەن. قانۇن ئىلمى مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىكى قانۇن چىقىرىش ئەمەلىيەت تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ساھەسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، جامائەتنى كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، جامائەتنىڭ مۇزاكىرە پىكىرلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر