- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۈننەن تور بېكىتىدە ياۋايى ھايۋانلارنى ئېلىپ-سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى
2016.06.24 17:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە: يۈننەن ئورمانچىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پەۋقۇلئاددە زور نەسلى قۇرۇپ كېتەي دەپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، توشۇش، سېتىش دېلوسىنى پاش قىلغان بولۇپ، تۆت ئاق ئالىقانلىق، ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇن، سەككىز ھۇرۇن مايمۇن، بىر بىرما يىلىنى، بىر تال ئالتۇن يىلان، «نەسلى قۇرۇپ كېتەي دەپ قالغان ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى»نىڭ قوشۇمچە IIتۈرىدىكى بىر يوغان باش تاشپاقا قاتارلىق دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ دېلو يۈننەن ئۆلكىسى ھازىرغىچە پاش قىلغان ئەڭ چوڭ توردا ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىش-سېتىۋېلىش دېلوسى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر