خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئىيۇن تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى قانۇن پالاتاسىدا «قول تۇتۇشۇپ يىپەك يولىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق تورى قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدە يېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىسى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ھەمكارلىق سۇپىسىنى قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەر تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇقتىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:50لەردە، ئالىي مەجلىسى قانۇن پالاتاسىغا باردى، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموف، ئالىي مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئۇرداشېف، ئالىي مەجلىسى قانۇن پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىلوف ئاپتوموبىل توختىغان جايدا ئۇنى كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ نۇتۇق زالىغا كىرگەندە، ئاڭلىغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن چاۋاك چالدى. ئىسمائىلوف شى جىنپىڭنىڭ ئالىي مەجلىسى قانۇن پالاتاسىغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە نۇتۇق سۆزلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى