باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىلى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتناشقان، يۆتكىلىپ بالنىستتا يېتىپ داۋالانغان بىمارلارنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ئاتچوت قىلدۇرۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ

2016.06.24 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما شياۋۋېي 22-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئۆلكە ئىچى ۋە ئۆلكە سىرتىدا داۋالىنىشنى ئاتچوت قىلىش سىياسىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە نىسبەتەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 2017-يىلى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتناشقان، يۆتكىلىپ بالنىستتا يېتىپ داۋالانغان بىمارلارنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ئاتچوت قىلدۇرۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ما شياۋۋېي مۇنداق دېدى: ھەرقايسى ئۆلكە رايونلار ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى ئاتچوت قىلىش لايىھەسىنى دۆلەت سۇپىسىدا بىرلىككە كەلتۈرىدۇ، داۋالانغان جايدا ئۆلكە دەرىجىلىك سۇپا بولسا، دۆلەت سۇپىسى قالغان ئۆلكە رايونلارنىڭ ئاتچوت قىلىش لايىھەسىنى داۋالانغان جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك سۇپىغا يوللاپ بېرىدۇ. داۋالانغان جايدا ئۆلكە دەرىجىلىك سۇپا بولمىسا، داۋالاش ئاپپاراتلىرى دۆلەت سۇپىسىدا ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشقان جاينىڭ ئاتچوت قىلىش لايىھەسىنى بىۋاسىتە ئىشلىتىپ، باشقا جايدا ئاتچوت قىلىش تىزىملىكىگە ئاساسەن، ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشقان جاينىڭ ئاتچوت قىلىش نىسبىتى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتناشقانلار باشقا جايدا ئاتچوت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھېساب بوغۇش مېخانىزمىنى بېكىتىشتىن باشقا يەنە، بەلگىلەنگەن تورلاشقان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللاش كېرەك. ما شياۋۋېي مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئۆلكە ئىچىدىكى تورلاشقان داۋالاش ئاپپاراتلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە رايونلار ئۆز تەۋەسىدىكى ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش ھېساباتىنى بوغۇشقا قاتناشقان تورلاشقان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى بېكىتىدۇ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىغا ئىسىملىكنى يوللاپ ئارخىپقا ئالدۇرىدۇ. بۇنىڭدا ھەم ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئاپپاراتلىرى بولۇشى، ھەم مەخسۇس كېسەللىكلەر داۋالاش ئاپپاراتلىرى بولۇشى؛ ھەم يۆتكىلىپ داۋالىنىدىغان بىمارلارنىڭ مۇرەككەپ كېسەللىك ئېھتىياجىنى ھەل قىلالايدىغان 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى بولۇشى، ھەم ئاممىنىڭ يېقىن جايدا، جىددىي كېسەل كۆرسىتىشىگە قولاي ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ سىرتتىن كەلگەن بىمارلارغا بىرقەدەر كۆپ مۇلازىمەت قىلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتا ئۆلكە ئاتلاپ بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ئاتچوت قىلدۇرۇش بىلەن دەرىجىگە بۆلۈپ داۋالاش تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىدۇ، مۇۋاپىق يۆتكىلىپ بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىدىغان بىمارلارنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققى ئاتچوت قىلىپ بېرىلىپ، مۇۋاپىق داۋالىنىش تەرتىپىنىڭ شەكىللىنىشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر