باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان سەككىز چوڭ كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ

2016.06.24 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016-يىلىدىن باشلاپ 10 يىل ئىچىدە ياسىمىچىلىق ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، 2025-يىلىغىچە خىمىيە-سانائىتى، ئۆزگىچە يېنىك سانائەت، رەڭلىك مېتال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، ئۇچۇر، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان سەككىز چوڭ كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ، تىجارەت كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان ياسىمىچىلىق كارخانىسىنى 20دىن ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» يادرولۇق رايونى سۈپىتىدىكى ئەمەلىي ئىقتىساد رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2025-يىلىغىچە بولغان ھەرىكەت لايىھەسى» 21-ئىيۇن ئېلان قىلىندى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا ئاساسلىقى يەنىلا ئەمەلىي ئىقتىساد، ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىغا تايىنىدۇ. 13-بەش يىل شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى غايەت زور بازار بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئەتتى، بايلىق، ئېنېرگىيە ۋە رايون ئۈستۈنلۈكى شىنجاڭنىڭ «ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق» رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ياسىمىچىلىقنى كۈچەيتىشىنى ئاساسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇندىن كېيىنكى 10 يىلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەنە كەسىپ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى خەلقئارا بازارنى كۆزلەپ، شەرقىي قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ ياسىمىچىلىق ئىقتىدارىنى پائال قوبۇل قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئۆزگىچە ياسىمىچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېڭى ماتېرىيال، بىيو دورا قاتارلىق سەككىز ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى ۋاسىتە قىلغان، پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش تورىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر