- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللىدى
2016.06.24 16:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 22-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللايدۇ. باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جەنۇبىي ئافرىقا يېقىندا خەلقئارا جەمئىيەتتە كېلىپ چىققان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش يۈزلىنىشىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي پاكىت ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار ماجىرالارنى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى قوللايدۇ. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا جەمئىيەت رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر