باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون كولومبىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنچلىقى كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولىدۇ

2016.06.24 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك 22-ئىيۇن مۇنداق دېدى: باش كاتىپ بان كېمون شۇ كۈنى كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋاناغا يېتىپ بېرىپ، كولومبىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات «كولومبىيە ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرى»نىڭ 23-ئىيۇن كۇبادا ئىمزالىغان ئەڭ ئاخىرقى تىنچلىق كېلىشىمىگە شاھىت بولىدۇ. خاك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كۇبا قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، كولومبىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىدا غايەت زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى، 23-ئىيۇن ئىمزالىنىدىغان ئەڭ ئاخىرقى تىنچلىق كېلىشىمى كولومبىيە خەلقىگە نەچچە ئون يىل كۈتكەن تىنچلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۇلۇمبىيەنىڭ تىنچلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ، كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن كۇلۇمبىيەگە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمەك ئۇرۇش توختىتىش قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر