باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇقىرى تېمپىراتۇرا ياردەم پۇلى تارقاتمىغان ئورۇنلارغا 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ

2016.06.23 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرىدە تېمپىراتۇرا ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلدى. شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۇ يىل يازدا تۇنجى قېتىم يۇقىرى تېمپىراتۇرا كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئەمگەكچىلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى يەنە بىر قېتىم دىققەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بېيجىڭ شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 21-ئىيۇن يۇقىرى تېمپېراتۇرا مەخسۇس تۈرلۈك قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈشنى جىددىي قوزغىتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا خىزمەت قىلىدىغان نۇقتىلىق كەسىپلەر ساھەلىرىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ساقلىنىش چارىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىنى تارقىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقاتمىغان ئورۇنلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن.

  بۇ، بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى نۇسخىدىكى «خىزمەت سورۇنىنىڭ ئىسسىقتىن ساقلىنىپ، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش بەلگىلىمىسى» رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بىرىنچى ياز بولۇپ، «بەلگىلىمە» بويىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا: رايون-ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېتېئورولوگىيە باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تەۋە مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىلىرى ئاممىغا ئېلان قىلغان كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغان ھاۋارايىنى كۆرسىتىدۇ. شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يېقىندا سىرتتىكى قۇرۇلۇش ئورنى، ئۆي جاھازىلىرىنى ياساش كارخانىلىرىدىكى سىلىقلاش مەشخۇلاتى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىكى ئورۇنلاردا كۆپ قېتىم قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى.

  مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2014-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن شەھەردە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلگەن: تالادىكى مەشخۇلاتنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى 120 يۈەندىن 180 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن، ئۆي ئىچىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى 90 يۈەندىن 120 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىنى تارقىتىش ۋاقتى ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر