باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەرەپلىك بايراق» ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى

2016.06.23 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇن، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەرەپلىك بايراق» ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى. دەسلەپكى مۇسابىقىدە تاللاپ چىقىلغان 20 نومۇر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلدى.

  بۇ قېتىملىق ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇل، خور قاتارلىق نومۇرلار تەييارلانغان بولۇپ، مەزمۇنى جەھەتتە پارتىيە ۋە ۋەتەننى مەدھىيىلەپ، شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش بىلەن بىللە، ئورگان خىزمىتىنىڭ خىزمەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىن ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئېلىپ كەلگەن ئۇسسۇل «يىڭشەن خوڭ » ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئەۋەتكەن ئۇسسۇل» زېمىن تەنتەنىسى» 98.5 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن بىرىنچى بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، كۆرەك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى مۇكاپاتقا ئىرىشكەن قىسمەن ئەسەرلەرنى تاللاپ دوكلات ئويۇنى قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر