باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو ـ پاكىستان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت ئۇنىۋېرسال گەۋدە تۈرىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2016.06.22 15:27         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ـ پاكىستان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت ئۇنىۋېرسال گەۋدە تۈرىنى باشلاش مۇراسىمى 21-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۈرگە جەمئىي 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، 2018 - يىلى پۈتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. بۇ تۈر چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى، چېگرا ھالقىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش مەركىزى قاتارلىق ئۈچ چوڭ سۇپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈرگە مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ شېنفۇلىن گورۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى ليۇ شۇفەن مۇنداق دېدى: تاشقورغان ناھىيەسى جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى تۈگۈن جاي، ئەشيا ئوبوروتى يولىنى تۇتاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئېلىمىزدىكى ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى پاكىستاننىڭ سۈپەتلىك ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇشۇ رامكا ئاساسىدا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، قۇرۇقلۇق ترانسىپورت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاكىستانلىق سودىگەر مالىك شافېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يول يىراق بولغاچقا، مالنى ئىسلامئابادتىن قەشقەرگە ئەكىلىپ بولغۇچە، ھەر بىر توننا يۈكنىڭ تەننەرخى 10 مىڭ يۈەنگە يېتىپ قالىدۇ. ئەمدى ئەشيا ئوبوروت بازىسى تاشقورغان ناھىيەسىگە قۇرۇلسا، بىزنى ياخشى ئۆتەڭ سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئەشيا ئوبوروت رايونى پۈتكەندىن كېيىن، توشۇش تەننەرخى خېلىلا تۆۋەنلىشى مۈمكىن، بۇ بىر زور پۇرسەت. شىركىتىمىز كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگوغا بازارلىرىغا يېڭى كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى كۆپلەپ يۆتكەشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم گۈلزار ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: بىز ساياھەتچىلىك، سودا كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى تۈگۈن جاي بولۇشتەك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. قاتتىق دېتال جەھەتتە، ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى جەلپ قىلىمىز. يەنە بىرى، پاكىستانلىك سودىگەرلەر بىلەن بىرلىكتە، تاشقورغاندا ئىككى دۆلەتنىڭ مال يىغىش - تارقىتىش ئورنى قۇرۇپ چىقىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر