خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ئىيۇن تاشكەنتتە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبېگدورج بىلەن جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيە رەھبەرلىرىنىڭ 3-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيە ئۆزئارا قوشنا دۆلەت بولۇشتەك ئەۋزەلىكلىرىگە تايىنىپ زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، «جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيە ئۈچ تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك لىنىيە خەرىتىسى»نى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، ئادەمىيەت-مەدەنىيەت، چېگرا ترانسپورتى، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە پائال ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ناھايىتى رازى. بىز جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، رۇسىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ يولى قۇرۇلۇشى، موڭغۇلىيەنىڭ «ئوتلاق يولى»نى داۋاملىق دەۋر قىلىپ، بۇ ئاساسىي لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۈچ تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى