باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن مەركەز 10-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى

2016.06.23 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 10-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەكشۈرۈش-پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتنىڭ مۇھىم شەكلى. مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىدىيەسىنى مەركەزنىڭ تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ياخشى ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە تەكشۈرۈش، نازارەت بىلەن تولۇق قاپلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قايتا تەكشۈرۈش-سىياسىينى چۆرىدىگەن ھالدا يەنە تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. تەكشۈرۈلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەتكە بولغان ھۆكۈمدە سوغۇققان، سەگەك بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا بايرىقىنىڭ روشەن، پوزىتسىيەسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش لازىم. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى-سىياسىي ئىنتىزام بىلەن سىياسىي قائىدىنى ئالدىغا قويۇپ، ھەم ئالدىنقى قېتىملىق تەكشۈرۈپ تۈزەشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى ھەم يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىشى كېرەك. ئۆلكىلىك پارتكوملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا ئومۇمىي باھا بېرىشى لازىم. مەركەزنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، مەركەزنىڭ 10-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگان پارتگۇرۇپپىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگان پارتگۇرۇپپىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى قاتارلىق 32 ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلى مەخسۇس تەكشۈرۈلىدۇ شۇنداقلا تيەنجىن، جياڭشى، خېنەن، خۇبېي قاتارلىق تۆت ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر قايتا تەكشۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر