باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۆزبېكىستان تاراتقۇلىرى: شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ ئېلىپ كېلىدۇ

2016.06.23 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 21-ئىيۇن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇخاراغا يېتىپ بېرىپ، ئۆزبېكستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆزبېكىستاندا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشىغا ئۆزبېكىستان تاراتقۇلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ھازىرقى زاماننىڭ ئەمەلىيىتىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىشىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىيات تارىخىدا نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزبېكىستان «شەرق ھەققانىيەت گېزىتى»، « خەلق پىكىر بايان قىلىش گېزىتى»، «ئۆزبېكىستان كۈندىلىك گېزىتى» قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇ تور بېكەتلىرىنىڭ باش بېتى ۋە كۆرۈنەرلىك جايلىرىغا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېسىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «خەلق پىكىر بايان قىلىش گېزىتى» ۋە زا خۇڭ ئاگېنتلىقى تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسىمۇ نۇرغۇن تاراتقۇلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ بېسىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر