باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى تۈردىكى يازما باھالاشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

2016.06.23 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى مەملىكەتلىك تۈردىكى يازما باھالاشنى مەخسۇس تۈزەش سىن يىغىنى ئېچىپ، يازما باھالاشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) تور ئۇچۇر ئىشخانىلىرى ۋە قىسمەن مەركەز ئاخبارات تور بېكەتلىرى، سودا تور بېكەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

  دۆلەت تور ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن شيەنلياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يازما باھالاش ئاممىنىڭ توردا پىكىر بايان قىلىش، قارىشىنى ئىپادىلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، جامائەت پىكرىنى نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم سۇپا. يازما باھالاشتىكى قالايمىقانچىلىق ئۇچۇر تارقىلىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تور جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، خەلق ئاممىسى بۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەندى، چوقۇم زور كۈچ بىلەن تۈزەش لازىم.

  بۇ قېتىمقى تۈردىكى مەخسۇس تۈزەشتە ئۈچ تەرەپتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش لازىم:

  بىرىنچى، يازما باھالاشتىكى «توققۇزغا رۇخسەت قىلماسلىق»قا خىلاپلىق قىلىپ، «يەتتە تۆۋەن چەك»كە ئۇرۇنغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى مەركەزلىك تازىلاپ، يازما باھالاش بوشلۇقىنى زور كۈچ بىلەن پاكىزلاش لازىم. ئىككىنچى، قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، توردا مەلۇم قىلىشنى قۇبۇل قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش؛ زىيانلىق ئۇچۇرلار ھەممىنىڭ لەنىتىگە قالىدىغان، توپ بولۇپ ساقلىنىپ، توپ بولۇپ تۈزەشتەك ياخشى مېخانىزمنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئۈچىنچى، توردىكى تەشۋىقات-تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «نۇرلۇق يازما باھالاش» ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ ئاكتىپ، ساغلام، ياخشى بولغان تور مەدەنىيىتىنى پائال يېتىشتۈرۈش، مەدەنىي باھالاش، ئەقلىي ئەگىشىش، دوستانە قايتۇرۇشنى تور ئىستىلىغا ئايلاندۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر