باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت چاۋشيەننىڭ يەنە ترايىكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

2016.06.24 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 22-ئىيۇن چاۋشيەننىڭ شۇ كۈنى ئىككى تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى، چاۋشيەننى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن يەنە بىر قېتىم ترايىكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چاۋشيەننى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش يۆلىنىشىگە قاراپ تىرىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 22-ئىيۇن كورېيە ئارمىيەسى بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن شۇ كۈنى سەھەردە يېرىم ئارالنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ساھىلىدىن ئوتتۇرا مۇساپىلىك ترايىكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن بىرنى قويۇپ بېرىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۇلاپلا ئىككىنچىسىنى قويۇپ بەردى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر