باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2016.06.23 16:24   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموف بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئىيۇن تاشكەنت كۆكساراي دۆلەت مېھمانسارىيىدا ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقىنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئۆزبېكىستان 2012-يىلى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىپ، ئىستراتېگىيەنى ماس، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو، ئۆزبېكىستان بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. ئىقتىساد، سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى كونكرېت ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كونكرېت ھەمكارلىق نەتىجىلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشى كېرەك. بىخەتەرلىك ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايونلارنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. ئادەمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستاننىڭ ئەلئارا دوستلۇقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى قالايمىقان تارقىتىش ۋە مەكتەپ…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدىن 135 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %70 كە يەتتى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 24–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرىدە 7461 كىشى ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىشتا نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى
    ·ئارزۇنى قانداق تولدۇرۇشنى بىلەمسىز؟
    ·شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ QS ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىردى
    ·شىنجاڭدىكى 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچى توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ