خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۈلۈمى «ئۈچ ئەل» ئىشخانسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچلىق نازارىتىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرىنىڭ تۆۋەنكى تىگىن كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كادىرى ئابدۇرۇسۇل مەنسۇر كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان، كەنت ھويلىسىدا تۆۋەنكى تىگىن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز كەچلىك ۋە شەنبە-يەكشەنبىلىك كۇرس ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىگە ۋە كۈندىلىك دەرسلىرىنى تەكرار قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
سۈرەتتە: ئابدۇرۇسۇل مەنسۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچلىك مۇزاكىرسىگە يېتەكچلىك قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى