باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق جۇڭگوغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2016.06.24 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 22-ئىيۇن «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئامىلى» ناملىق ئۇقتۇرۇش ھۆججىتىنى ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ھۆججەت ياۋروپا كېڭىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كېڭىشىشىگە قويۇلىدۇ، ماقۇللانغان ھامان 2006-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى چىقارغان ئەڭ يېڭى جۇڭگوغا قاراتقان سىياسەت ھۆججىتى بولۇپ قالىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 10-يىل ئىچىدە ھەر ئىككى تەرەپتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادى، سىياسىيسىدىكى ئورنى كۈنسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېڭىلاشنى شەرھلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتى. يېڭى ئىستراتېگىيەدە كەلگۈسى بەش يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىن ئېرىشىدىغان پايدىسىنىڭ كۆپ يۆلىنىشى پىلانلاندى. ئۇقتۇرۇش ھۆججىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى پىرىنسىپال، ئەمەلىي، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش روھى بويىچە خەلقئارا قانۇن بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، جۇڭگو بىلەن باردى- كەلدى قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر