خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ئىيۇن تاشكەنتتە روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو-روسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ۋە جۇڭگو-روسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مابەينىدە، زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو، روسىيە بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، شەرتنامە بېكىتكەندىكى ئۇزاق يىللىق دوستلۇق ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا قوللىشىنى زورايتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلىشىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو، روسىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تەسىر كۆرسىتىشنى خالايدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئۆز ئارا قوللاشنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆز ئارا مەنپەئەت بىرىكىشىنى كۈچەيتىپ، سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى تەدرىجىي پەسەيتىشى كېرەك. كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلار سودىسىغا تۈرتكە بولۇش ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى جانلاندۇرۇشى كېرەك. بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېزدىن «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» تۈزۈپ، زەھەر چەكلەش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشكىلاتنىڭ مەزمۇت مېڭىپ، زورىيىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
پۇتىن ئالدىن بىلەن جۇڭگونىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرىدە قارا قۇيۇن چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ-يارىلانغانلىقى ۋە مال-مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىغا توغرىسىدا چوڭقۇر ھال سورىدى، روسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا چۈشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللىشىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى. پۇتىن مۇنداق دېدى: پات ئارىدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى