باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

2016.06.24 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىننىڭ قارالمىسى «نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش» نى چۆرىدىگەن ھالدا تەكلىپ-پىكىر بېرىش. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە دوكلات بەردى. ۋاڭ ياڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، «بەش بىر تۈركۈم» بويىچە نامراتلارنى دەل يۆلەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش چىقاردى. يېڭى دەۋردە نامراتلارنى دەل يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تاكتىكىسىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، تۈزۈمنى مۇكەممەل لايىھەلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ۋاڭ ياڭ يەنە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا بىرمۇبىر جاۋاب بەردى. يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىسى چۆرىدىلىپ تەسىس قىلىنغان ئالتە مەخسۇس تېما بويىچە مۇزاكىرە يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار دوكلاتلارغا يازما قاراپ چىقىدۇ، كادىرلار ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللايدۇ، ۋاھاكازالار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر